گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى

2019.06.04 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى.

  پائالىيەت بەلگىسى «70» رەقىمى ۋە دۆلەت ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت گېربىدىكى بەش يۇلتۇز ھەمدە تيەنئەنمېننى لايىھەلەشتىكى يادرولۇق ئېلېمېنت قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چىڭ تۇتتى. پائالىيەت بەلگىسىدە «70» رەقىمى تارىخىي يېڭى سەھىپە ئېچىشتەك كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمى قىلىپ لايىھەلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يېپيېڭى ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىشىدەك مەنىگە ئىگە قىلىنغان. «7»نىڭ شەكلى يەنە بايرامدىكى رەڭلىك لېنتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ لەپىلدىگەن ئۈنۈمى بىلەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك ستېرېئولۇق دۆلەت گېربىدىكى بەش يۇلتۇز ۋە تيەنئەنمېن جايلاشقان يۇمىلاق شەكىل بىرى ھەرىكەتلىك، بىرى تىنچ تۇرغان ھەمتۈرتكىلىك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ، ھەم تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ھەم چوڭ بايرامنى تەبرىكلەش كەيپىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ