مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» بېسىپ تارقاتتى

مائارىپ ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ

2019.06.04 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مائارىپ ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھات لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، مەركەز رەھبەرلىك قىلىدىغان، مۇۋاپىق ھوقۇق بېرىدىغان، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ئايلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان مائارىپ ساھەسىدىكى مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئەندىزىسىنى چىڭ تۇتۇپ شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار تەڭپۇڭ بولغان مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەزنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئايرىشتىكى قارار قىلىش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ بەلگىلىمىگە ئاساسەن مائارىپ ساھەسىدىكى مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن رايون ئىچىدىكى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقىدار ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ