مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز يېقىندا سودىغا ئىشلىتىدىغان نومۇر تارقىتىدۇ

پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپ ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە 5G تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلايدۇ

2019.06.04 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 5G ھازىر پۈتۈن دۇنيادا سودىغا ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىز 5G كەسپى بەرپا قىلغان رىقابەت ئەۋزەللىكى. 5G ئۆلچىمى پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپ ساھەسى ئورتاق قاتنىشىدىغان بىرلىككە كەلگەن خەلقئارا ئۆلچەم بولۇپ، دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان ئۆلچەمنىڭ زۆرۈر پاتېنت نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتكەن. تېخنىكا سىنىقى باسقۇچىدا نوكىئا، ئېرىكسون، كۇئالكوم، ئىنتېل قاتارلىق كۆپلىگەن چەت ئەل كارخانىلىرى كەڭ قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىز 5Gسى سودىغا ئىشلىتىش ئاساسىنى ھازىرلىغان. يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5Gنى سودىغا ئىشلىتىش نومۇرى تارقىتىپ، دۆلىتىمىز 5Gنى سودىغا ئىشلىتىشنىڭ باشلىنىش يىلىغا قەدەم قويىدىكەن. بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ دۆلىتىمىز 5G تور قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ 5G تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

  جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتى سىياسەت ۋە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى گۇڭ دانىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئېچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 5G تېخنىكىسى، ئۆلچىمى، كەسپىدە دەسلەپكى قەدەمدە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى. تېخنىكا ئۆلچىمى جەھەتتە، ئېلىمىز تەشەببۇس قىلغان 5G ئۇقۇمى، قوللىنىش كۆرۈنۈشى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى (ITU)نىڭ 5G ئېنىقلىمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان جانلىق سىستېما لايىھەسى، قۇتۇپلانغان كود، كەڭ كۆلەملىك ئانتېننا ۋە يېڭى تىپتىكى تور رامكىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. 2019-يىلى 5-ئايغىچە، دۇنيا بويىچە 20دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ 5G ئۆلچىمى زۆرۈر پاتېنت باياناتىدا، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئېشىپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. كەسىپ تەرەققىياتى جەھەتتە، ئېلىمىز 5G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىنىقىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، 5G ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ 5G ئوتتۇرا چاستوتا بۆلىكى سىستېمىسى ئۈسكۈنىسى، تېرمىنال ئۆزىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى دۇنيا بويىچە 1-قاتاردا تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ