خېفىيدا پەن-تېخنىكىلىق سەنئەت ئارزۇنى يورۇتتى

2019.05.31 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېفېي شەھىرى ليۇئەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى 2019-يىللىق «پەن-تېخنىكىلىق سەنئەت بايرىمى»دا پەن-تېخنىكىلىق كىچىك كەشپىياتنى كۆرمەكتە.

  شۇ كۈنى، خېفېي شەھىرى ليۇئەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2019- يىللىق «پەن-تېخنىكىلىق سەنئەت بايرىمى» خېفېيدىكى جيۇليۇمى دوستلۇق گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا باشلاندى، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىش، خەتتاتلىق، قول ھۆنىرى بۇيۇمى، پەن-تېخنىكىلىق كىچىك كەشپىيات قاتارلىق ئەسەرلىرى مەركەزلىك نامايەن قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليۇئەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپى ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت دەرسلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ