مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قوشۇن قۇرۇپ سۇپا ھازىرلاپ، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش

پەن-تېخنىكا پىدائىيلىرى مۇلازىمەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش

2019.05.31 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى». شۇ كۈنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بېيجىڭدا جۇڭگو پەن-تېخنىكا پىدائىيلىرى باش ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى ساھەلەرنى قاپلىغان پەن-تېخنىكا پىدائىيلىرى مۇلازىمەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىدۇ.

  «جۇمھۇرىيەتنى مەدھىيەلەپ، يېڭى دەۋر ئارزۇسىغا ئىنتىلىش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 91 مىليون پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ بايرىمىنى «ئىلىم-پەن بايرىمى» قىلىپ ئۆتكۈزدى. ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يېڭىلىق يارىتىدىغان پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇەي جىنپېڭ مۇنداق دېدى: كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىملارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىپ»، پەن-تېخنىكا پىدائىيلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئاقىللار ئامبىرى مەسلىھەت بېرىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋر قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان 100 ئىلمىي جەمئىيەت پەن-تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 1000 تۈرلۈك ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلغان. مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى يەنە ئاساسىي قاتلام پەن-تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تەسىس قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ