مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 قاچقۇن» ئىچىدىكى شياۋ جيەنمىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2019.05.31 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ماي، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 قاچقۇن»نىڭ بىرى، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارى شياۋ جيەنمىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى ھەم ھارام مالنى پائال قايتۇردى. بۇ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 قاچقۇن» ئىچىدىكى پاش قىلىنغان 10-كىشى، شۇنداقلا «ئاسماندا تور ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇتۇلغان «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان» 58-كىشى.

  شياۋ جيەنمىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1947-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، يۈننەن قەلەيچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى (نازىر دەرىجىلىك)، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، 2012-يىلى 12-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 2014-يىلى 7-ئايدا يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن شياۋ جيەنمىڭنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىدى، شۇ يىلى 8-ئايدا قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. 2015-يىلى 2-ئايدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ