مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.05.31 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشتىكى يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، 2019-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز ئىشىمىزنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆتلەشتۈرۈش ماس قەدەمدە بولۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچلۈك ئىچكى بازارنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتىكى ئۆزگىچە مۇھىم رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئامىل يۆتكىلىشتىكى مەمۇرىي توسالغۇ ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپلەشكەن ئىش تەقسىماتى ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر- بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىپ، كۈچلۈك ئىچكى بازارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور تەرەققىيات ئېنېرگىيەسى ۋە ئىسلاھات پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى − يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىم بىر يىل، 2019-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شەھەر توپى ۋە شەھەر چەمبىرىكى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ قاتتىق ئەمەلىي كۈچنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ ۋە يۇمشاق مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە جامائەت بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ