مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جېننىڭ پارا ئېلىش ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىغا 1- سوتتا سوت ئېچىلدى

2019.05.31 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىل 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قوشۇمچە دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ جېننىڭ پارا ئېلىش ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىلىپ قاراپ چىقتى. سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم ئەۋەتىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار ۋۇ جېن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1996- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، جاۋابكار ۋۇ جېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى دورا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جياڭشى ئۆلكىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە دورا تەستىقلاش ۋە پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىن بىۋاسىتە ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا پۇل-ماللار قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ پۇل-ماللار جەمئىي21 مىليون 711 مىڭ 106 يۈەن خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلغان. جاۋابكار ۋۇ جېن 2009- يىلى دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە 2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىللەردە، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولۇپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان. ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى ئۈچۈن، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى.

  سوتتا تەپتىش ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ۋۇ جېن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ مۇنازىرىلىشىش پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، ۋۇ جېن يەنە ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، سوت يەنە مەزكۇر سوتنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق بىر ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 50 نەچچە كىشى سوتتا قاراپ چىقىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ