سودا مىنىستىرلىقى

جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇش-بولماسلىقى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە سەمىمىيىتىگە باغلىق

2019.05.31 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 30- چېسلا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇش-بولماسلىقى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە سەمىمىيىتىگە باغلىق، پەقەت باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بولغاندىلا ئاندىن كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  گاۋ فېڭ سودا مىنىستىرلىقىدا شۇ كۈنى ئاچقان رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ سودا سۈركىلىشىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرىنى باشقا ساھەلەرگە تارقىتىشىدەك خاتا قىلمىشى ئۇنىڭ كېڭىشىش ئاساسى ۋە كەيپىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكىدا.

  ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى كېڭىشىشكە ئائىت بەزى ئىپادىلىرىگە قارىتا، گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇچۇرلىرىدا بەزى ئىلگىرى-كېيىنلىك زىددىيىتى بار، بىردەمدە جۇڭگو بىلەن ناھايىتى تېزلا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىز مۇمكىن دەيدۇ، بىردەمدە يەنە جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولالمىدۇق، دەيدۇ، ئادەمنى ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

  گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىزچىل ھالدا، ھەمكارلىق بولسا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ھەمكارلىقنىڭ پىرىنسىپى بار، كېڭىشىشنىڭ تۆۋەن چېكى بار، جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق كېلىشىمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، چوڭ-چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، جۇڭگو ھەرگىز يول قويمايدۇ، دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ.

  گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئويلىغاندا، ئامېرىكا چوقۇم سەمىمىي بولۇشى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يادرولۇق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشى كېرەك، ھەمدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا داۋاملىق كېڭىشىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ