تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى چوڭقۇر دېڭىزدىكى ئەۋرىشكە ۋە ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى

2019.05.31 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: جۇڭگو ئوكيان ئەۋرىشكە سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى بىر قىسىم ئەۋرىشكە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 30 - كۈنى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى شەندۇڭ چىڭداۋدا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى چوڭقۇر دېڭىزدىكى ئەۋرىشكە ۋە ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان چوڭقۇر دېڭىز ئەۋرىشكىلىرى ئۇچۇرىدا 1955 بېكەت، 6062 ئەۋرىشكە مۇندەرىجىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدىكى كونكرېت ئۇچۇرلار ئەۋرىشكە ئېلىش ئورنى، ئەۋرىشكە تىپى، پونكىت سانى، ئەۋرىشكە سانى ۋە ئەۋرىشكە مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان چوڭقۇر دېڭىز ماتېرىياللىرى ئۇچۇرلىرىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاش ۋە ئىلتىماس قىلىش بويىچە ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار 36 قېتىم بولدى. ئۇنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 1992- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بولۇپ، مەزمۇنى دېڭىز-ئوكيان گىدرولوگىيىسى، دېڭىز-ئوكيان ھاۋا رايى، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، دېڭىز-ئوكيان خىمىيەسى ۋە قېتىم سانى تىپىك كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشكارىلاش ئىلتىماس قىلىنغان ماتېرىياللار 25 قېتىم بىلەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە 88 تەتقىقات تېمىسى ماتېرىياللىرى مۇندەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ