ئېلىمىزنىڭ پىشلاق يىللىق ئوتتۇرىچە ئىستېمال مىقدارى ئاران 0.1 كىلوگرام. دۆلىتىمىز سۇيۇق سۈتنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىشلاقنى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو سۈتچىلىك جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2019-يىللىق پىشلاق تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرىدە، دۆلىتىمىز سۇيۇق سۈتنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىشلاقنى سۈت ياسالمىلىرىنىڭ يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى «سۈت ئىچىش»تىن «سۈت يېيىش»كە ئۆزگەرتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگونىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەنئەنىسى ئۇزۇن، پىشلاق ئىستېمال ئۇل سانى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، پىشلاقنى ئەنئەنىۋى جۇڭگوچە تاماققا سىڭدۈرۈپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن جۇڭگو سۈتچىلىكى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پىشلاق يىللىق ئىستېمال مىقدارى 18.7 كىلوگىرامغا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىستېمال مىقدارى ئاران 0.1 كىلوگرام بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى پىشلاق بازىرى يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پىشلاقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 20 مىڭ توننىدىن ئاشقان، ئىمپورت ئۇدا 13 يىل تېز ئاشقان، 2018-يىلى ئىمپورت مىقدارى 108 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، پىشلاق بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ