90-يىللاردا تۇغۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ «پادىچى بولۇش ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇردى

2019.05.29 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  فېڭ خۇەن قوي فېرمىسىدا ئۆزى ياسىغان يۈگۈرۈش يولىدا قويلارنى ھەيدەپ «يۈگۈرگۈزۈپ چېنىقتۇرماقتا» (27-ماي فوتوسى).

  1990-يىلى تۇغۇلغان فېڭ خۇەن نىڭشيانىڭ يەنچى دېگەن جايىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 2012-يىلى نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان، كىرىمى مۇقىم، ئىستىقبالى پارلاق ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئىزچىل ۋاز كېچەلمىدى، 2015-يىلى 10-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان نىڭشىن ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق فېرمىسىغا كىرىپ پاي قوشۇپ، تۇزكۆل ساھىل قويى بېقىپ، ئۆزىنىڭ «پادىچى بولۇش ئارزۇسى»نى باشلىدى.

  تۇزكۆل ساھىل قويىنىڭ گۆشى يۇمشاق، تېكە پۇرىقى يوق، ياغنىڭ تارقىلىشى تەكشى، ئوزۇقلۇق مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

  فېڭ خۇەن نىڭشىن ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق فېرمىسىغا كىرگەندىن كېيىن، چارۋىچىلىق فېرمىسى يۈگۈرۈش يولى قۇرۇلۇشى، قوتان قېلىپلاشتۇرۇش، يەم-خەشەكنى رېتسېپ بويىچە تەييارلاش، ئىلمىي باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چارۋىچىلىق فېرمىسى ئەتراپىدىكى 300 دىن ئارتۇق تۇزكۆل ساھىل قويى پادىچىلارنى قوبۇل قىلىپ كەسىپلەشكەن بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇپ، يەم-خەشەك تەييارلاش، ئىممۇنىتېتلاش، ھايۋانات دورىسى ئىشلىتىش، سېتىش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باقمىچىلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  باقمىچىلار قاتناشقاندىن كېيىن، يەككە قوينىڭ ساپ پايدىسى 80 يۈەندىن 130 يۈەنگىچە كۆپەيدى. ھازىر نىڭشىن ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق فېرمىسىدا 1100 مو يەر بولۇپ، 6000 تۇياقتىن ئارتۇق قوي بار، 2018-يىلىدىكى كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  فېڭ خۇەن كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىر ئاددىي نىشانىم بار، ئۇ بولسىمۇ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دوستلۇرۇم بىلەن يېزا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، دېھقانلار ۋە باقمىچىلارغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىپ، يۇرتۇمدىكى پۇقرالارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەش.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ