مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەمۇرلار ۋەزىپە بىلەن دەرىجە تەڭ مېڭىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

2019.05.29 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىدا ئەسلىدىكى 18 باب 107 ماددا 18 باب 113 ماددىغا تەڭشىلىپ، ئالتە ماددا قوشۇلدى، 49 ماددىغا ماھىيەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 16 ماددىنىڭ قىسمەن سۆزلىرى ئۆزگەرتىلدى، ئىككى ماددىنىڭ تەرتىپى تەڭشەلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىدا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە، دەرىجە قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى تەڭشىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسى دەرىجىگە كىرگۈزۈلۈپ، ۋەزىپە بىلەن دەرىجە تەڭ مېڭىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنىڭ تەيىنلەش-قالدۇرۇش، ئۆستۈرۈش-چۈشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەڭشىلىپ تولۇقلاندى. 9-بابنىڭ نامى «جازالاش»تىن «نازارەت قىلىش ۋە جازالاش»قا تەڭشىلىپ، مەمۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە مەمۇرلار بويسۇنۇشقا تېگىشلىك ئىنتىزام قاتارلىق بەلگىلىمىلەر قوشۇلۇپ، چەتلەپ تۇرۇش ئەھۋالى، ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلىمىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قوبۇل قىلىش، تەكلىپلىك تەيىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى. مەمۇرلارنى باشقۇرۇش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، تۈرگە ئايرىپ باھالاش، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا قارىتا يەنىمۇ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەمۇرلارنى باھالاش ئۇسۇلى، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، ئاشكارا تاللاش قاتارلىق جەھەتلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللاندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ