شاڭخەي شەھىرىدە ئۇنىۋېرسال كۈتۈۋېلىش كۆزنىكى مەھەللىگە ئورۇنلاشتى

2019.05.29 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىنخاڭ شۆبە ئىدارىسى خۇاپىڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى گاۋ يەنفېي (سولدا) ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىنخاڭ شۆبە ئىدارىسى خۇاپىڭ يولى ساقچىخانىسى، بىجياڭ يولى ساقچىخانىسى ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى كۆزنەكنى مەھەللە ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ، جياڭچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى مەھەللە ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىدە «ئۇنىۋېرسال كۆزنەك» تەسىس قىلىپ، نوپۇس، ئامانلىق ساقلاش، چېگرادىن كىرىش-چىقىش قاتارلىق 49 تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسپىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىۋېرسال كۆزنەك قۇرۇلغاندىن بۇيان 2600دىن ئارتۇق ئاھالىنى كۈتۈۋېلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ