مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

G5 مۇلازىمەتچىسىز بانكىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرى تىجارەت باشلايدۇ

2019.05.29 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مەخسۇس كۆرگەزمىسى 28-ماي بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئېچىلدى، بانكا، فوند، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، پۇل مۇئامىلە تېخنىكىسى قاتارلىق ساھە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە 50تىن ئارتۇق خەلقئارا، دۆلەت ئىچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىرلىكتە كۆرگەزمە قىلىندى. پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى كۆرگەزمىدىكى ئەڭ يارقىن مەنزىرە بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 5G پەن-تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىز بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك كارتا تارقىتىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئەپلىرىگە بولغان قىزغىنلىق يۇقىرى بولۇپ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلار بەس-بەستە سىناپ بېقىشتى.

  5G بىلەن بانكا بىرلەشسە قانداق يېڭىلىقلار بولىدۇ؟ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك شۆبىسى تاماشىبىنلارغا G5 مۇلازىمەتچىسىز بانكىسىنىڭ قوللىنىش كۆرۈنۈشىنى سۆزلەپ بەردى. G5 تورى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ پۈتۈن كۆرگەزمە رايونىنى قاپلىغان بولۇپ، مۇلازىمەتچىسىز پەن-تېخنىكا بانكىسى G5نىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تورىغا تايىنىپ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىشنى تېزلەتتى.

  قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كەسپى مەسئۇلى مۇلازىمەتچىسىز بانكىنىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى: 5G پەن-تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىز بانكىسىدا شەخس بىلەن كارخانا مۇئامىلىدارلىرى ئۆز ئالدىغا تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ، بانكا 5G تور سانلىق مەلۇماتىنى يوللاش ئارقىلىق، كەسىپ بېجىرىش تېخىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك بولىدۇ. نۇرغۇن بانكىلاردا كەسىپنى ماشىنا ئارقىلىق ئاپتوماتىك بېجىرگىلى بولىدۇ، مۇئامىلىدارلار كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرتىپ كۆرسەتمىسى بويىچە كەسىپلەرنى ئاپتوماتىك بېجىرەلەيدۇ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمى ھاجەتسىز، كەسىپ بېجىرىش جەريانىدا كۆرۈلگەن كەسپىي مەسلىھەت بېرىش، كەسپىي تەكشۈرۈش، كەسپىي ھوقۇق بېرىش قاتارلىق ھالقىلاردا، مۇئامىلىدارلار بانكا خادىملىرى بىلەن يىراق مۇساپىلىك ئالاقىلىشىدۇ.

  نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G پەن-تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىز بانكىسىدىن ئۈچى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىڭخۇا باغچىسى، جۇڭلياڭ مەيدانى ۋە چاڭئەن شىڭرۇڭ مەركىزىگە جايلاشقانىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تىجارەت باشلايدىكەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا تېخىمۇ كۆپ G5 پەن-تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىز بانكىسى بېيجىڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ