مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %22.96كە يەتتى، چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش يەر كۆلىمى ئۇدا ئازايدى

ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلاندى

2019.05.28 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاغ-دەريالارتازا گۈزەل تۈس بەرمەكتە، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرماقتا، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان ئۆسمەكتە. ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى ئېتىكىدىكى گۈزەل دەريا بويلىرىدا، "يېشىللاشقان تۇرمۇش، گۈزەل يۇرت ـ ماكان" باش تېما قىلىنغان 2019ـ يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا. دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە رايونىدا بەرپا قىلىنغان مەنزىرىلەر بىلەن ئەسلىدىكى تەبىئىي كۆللەرنىڭ مەنزىرىلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شەرھلەنگەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالماقتا.

  4- ئاينىڭ 28- كۈنى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، "ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغلار تېخىمۇ يېشىل، سۇلار تېخىمۇ سۈزۈك" بولۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر ئالدىدا ئۈزلۈكسىز نامايان بولىدۇ.

  شەرقىي شىمالدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن خەينەننىڭ سۈزۈك سۇلىرى ۋە يېشىل تاغلىرىقىچە، شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى شەھەرلەردىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە، كىشىلەر بەس-بەستە ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ باھار نۇرىغا چۆمۈلۈشۈپ، سۈزۈك سۇلار ۋە يېشىل تاغلار ئارىسىدا قانغۇچە سەيلە قىلىشماتقا. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىللىق «1- ماي» بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئومۇمىي ئادەم سانى 195 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئۇ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە %13.7 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 117 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە %16.1 ئاشقان.

  دېمەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل تۈردە ياخشىلىنىپ، يېشىللىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. بولۇپمۇ ئەتراپىمىزدا كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان يېشىلچىلىقلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 40 يىل بۇرۇنقى %12 تىن %22.96 كە يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورمان زاپىسى 8 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ