مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە قاراتقان پەن تەتقىقات باشقۇرۇشىنى بوشاتتى

2019.05.28 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 27- چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش تانىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىگە ياردەم بەرگەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كاماندىروپكا خىراجىتى، يىغىن خىراجىتى، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش ھەققى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش ھەققى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلارنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىقىم ئۆلچىمى ۋە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاتچوت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى؛ پەن تەتقىقات پائالىيىتىگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، ماتېرىيال زاپاس دېتاللىرى سېتىۋېلىشتا، ھەمدە مۇلازىمەت ۋە قۇرۇلۇشلاردا نەرسە سېتىۋېلىشتا، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كونكرېت چارىلەرنى تۈزۈپ، سېتىۋېلىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى؛ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىياللارنى ئازايتىپ، تەستىقلاش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، ئاتچوت قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تور مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئەركىن ئىزدىنىش تۈرىدىكى ئاساسىي تەتقىقات ۋە يولغا قويۇش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولغان تۈرلەرنىڭ جەريانىنى تەكشۈرمەسلىكى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي ياردەمچى ۋە مالىيە ياردەمچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ئېھتىياجى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، مەخسۇس خىراجەت ۋە مەخسۇس خادىملارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە ئاجرىتىلغان ۋاسىتىلىك خىراجەت بىلەن پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ