مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

22 ئۆلكە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى

2019.05.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تۇنجى تۈركۈمدىكى 22 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن «بالىلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى»نى ئىمزالىدى. مەسئۇلىيەتنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى 2019-يىلىدىن 2023- يىلىغىچە، شۇ ئۆلكىنىڭ 2018-يىللىق بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمىي يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى ئاساسىدا، بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمىي يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى ھەر يىلى %0.5 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان ئۆلكىلەردە ھەر يىلى %1 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنامىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ زىيادە ئېغىر ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە چېنىقىشى ۋە دالا پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئارتۇق تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ