مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىش، ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ قۇبۇل قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى

2019.05.27 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى جايلار ۋە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار سادىر قىلىنىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە مەكتەپلەردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ «ئون تۈرلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ «سەككىز تۈرلۈك ئاساسىي تەلەپ» ۋە «30نى قىلماسلىق» ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنىڭ «ئوننى ئاشكارىلاش» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھانسىز ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا ئائىت بەلگىلىمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت رايونى دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كۈچلۈك-ئاجىزلىقنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە نىشانلىق رەۋىشتە ۋە بىۋاسىتە ھالدا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا، ئىمتىھانسىز ھالدا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدىكى ئىمتىھان شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاشقا بولمايدۇ .

  بارلىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر چوقۇم بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كېرەك؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىش، ئەلا ئوقۇغۇچىنى تاللىۋېلىش، تەستىقلانغان رايوندىن ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋېلىش، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتەك قىلمىشلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. پۇقراۋى مەكتەپلەر بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارىلاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك. "ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئايرىش" قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ «قوش ئوقۇش تەۋەلىكى»نى بىرلا ۋاقىتتا ياكى گىرەلەشتۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى مەنئى قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، مائارىپقا مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، ۋاقىتلىق نوپۇس يۆتكەش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ۋە نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى كۆچمەنلەر»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى باھالاشقا قاتناشقان ۋە تاللىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش؛ تەنتەربىيە ۋە سەنئەت تۈرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى مەخسۇس سىناق تەلىپى ۋە مەدەنىيەت دەرسى نەتىجىسىنىڭ قوبۇل قىلىش تەلىپىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ