مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مۇقىم راۋاجلىنىپ، باشتىن-ئاخىرى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئەڭ يېڭى ماكرولۇق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ۋە ئىلاستىلىقلىقىنى ئىسپاتلىدى

2019.05.24 15:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مۇقىم راۋاجلىنىپ، باشتىن-ئاخىرى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئەڭ يېڭى ماكرولۇق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ۋە ئىلاستىلىقلىقىنى ئىسپاتلىدى. چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنىڭ بوشلۇقى يېتەرلىك ئىكەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور ئىكەن.

  بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بازارنىڭ تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى؛ تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ قالدۇق سوممىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولدى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭ بولدى.

  1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازالاردا 4 مىليون 590 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ %42 تاماملاندى. 4-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازالارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 بولۇپ، 3-ئايدىكىدىن 0.2 پوئىنت تۆۋەنلىدى.

  سانلىق مەلۇماتتا ئايان بولۇشىچە، ئىچكى ئېھتىياج جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ماتورغا ئايلانغان، ئۆتكەن يىلقى ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %76.2كە يەتكەن.

  دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىزلىق كۆپەيدى، خەلقئارا سودا ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش بولدى، دۇنيا ئىقتىسادى شامال يۆنىلىشىگە قارشى مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىنى ساقلاپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە يارتىشى راستىنلا ئاسان ئەمەس.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى ئەمەلدارى لياڭ گويۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم: سۈپەت ئۆزگىرىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارغا ئەھمىيەت بېرىشتىن مىقدار ۋە سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ ئۈنۈم ئۆزگىرىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئامىل سېلىنمىسىگە تايىنىشتىن تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ تايىنىشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى مۇلازىمەتچىلىك، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان رولىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى ئاساس قىلىپ، سان تىپىدىكى تەرەققىياتتىن سۈپەت تىپىدىكى تەرەققىياتقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىماقتا، بۇنداق تەڭشەش-كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگو كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىي ئىقتىسادغا تايىنىشى زۆرۈر، ھالبۇكى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئورۇنلاشقا موھتاج.جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۇزۇن مۇددەت دىققەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە خەلقئارانىڭ ئىقتىساد مۇھىتىدا قارا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىي ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ئوربىتىسىنى بويلاپ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇنىڭ چوڭقۇر ئىچكى لوگىكىسى بار، يەنى سىجىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىچكى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قويۇۋېتىلدى، بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ چېگرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بازارنىڭ شەكىلسىز قولى بىلەن ھۆكۈمەت ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغان شەكىللىك قول ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇردى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى تېزلەتتى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. كۆپ يىل تەييارلىق قىلىنغان بىر قىسىم ئىسلاھاتلاردىكى قىيىن مەسىلىلەر بىر-بىرلەپ ھەل قىلىندى، ئۇزۇن مۇددەت ھەل قىلىنمىغان بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەردە تەدرىجىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە مېخانىزم توساقلىرى يەنىمۇ سۈپۈرۈپ تاشلاندى.بەزى چەتئەللىك ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى، چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش قاتارلىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى سەپلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ۋە كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭ پايدىسىدىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارى قويۇۋېتىلىدۇ.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سىياسىتى پۇختا ھەم ئۈنۈملۈك بولدى، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش-جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ دېدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كىتا گوبىنات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىكى سەۋەب-جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى قورالىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلانغانلىقىدا دەپ قارىدى.

  شۇڭلاشقا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى 0.2 پوئېنت چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى 0.1 پوئېنت ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو يەر شارىدىكى بۇ يىللىق ئىقتىساد كۆزلىمىسى بىردىنبىر ئۆستۈرۈلگەن ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ