مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرە

2019.05.24 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىغا كېلىپ، گەنجوۋىن نەنچاڭغىچە كارخانا، يېزا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بويىچە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پات ئارىدا پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك».جياڭشى گەنجوۋنىڭ يۈدۇ دەرياسى بويىدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، يەلكىنىنى ئېچىپ سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان كېمىگە ئوخشايتتى. 20-ماي چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، تارىخنىڭ ئەكس سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ، قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئىزدىدى. خاتىرە مۇنارى ئالدىدىكى مەيدانغا ياتقۇزۇلغان مەرمەر تاش ئۈستىگە جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يول خەرىتىسى ئويۇلغانىدى. باش شۇجى بېشىنى ئېگىپ تەپسىلىي قاراپ: «گەنشيەن بۇ يەردىكەن»، «ئاۋۇ شياڭجياڭكەن»، «بۇ يەردىن فۇجيەنگە كېلىدىكەن»... دېدى.

  كۆرسەتمە خەرىتىسىدە قىزىل، كۆك رەڭلىك ئىسترېلكىلار گىرەلىشىپ، قورشاپ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش قانلىق جېڭى ۋە ئۇزۇن سەپەردىكى ھەيۋەتلىك ئۆتكەللەر تەسۋىرلەنگەنىدى.

  1934-يىلى 10-ئايدا، مەركەز ئورگىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن 86 مىڭ كىشى بۇ يەردە يىغىلىپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، 1936-يىلى 10-ئايدا گەنسۇ خۇينىڭگە بېرىپ، ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچ ئۇچراشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسىدىن ئۆتۈپ ئالدىغا بېرىپ، خاتىرە مۇنارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىغا «ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ نۇر چاقنايدۇ» دېگەن خەتلەر چوڭ قىلىپ يېزىلىپ كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارى ئارقىسىدا يۈدۇ دەرياسى جىمجىت ئېقىپ، ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىق يىللارغا شاھىت بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ، ئۇزاققىچە تۇردى.

  «10-ئايدا كۈز شامىلى چىقىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يىراققا يۈرۈش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كېچىدە يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گۇبېي شىنتيەندىكى جەڭدە غەلىبە قىلدى.» يولداش لۇ دىڭيى يازغان بۇ «ئۇزۇن سەپەر ناخشىسى» خاتىرە مۇنارىنىڭ رېشاتكىسىغا ئويۇلغان بولۇپ، ئەينى يىلدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ يۈدۇ دەرياسىدىن كېچىلەپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى باشلىغانلىقىنىڭ تەسىرلىك مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ