ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش — كونا ئىنقىلابىي رايون رۈيجىننىڭ بەخت يولى

2019.05.24 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ رۈيجىن شەھىرى دابەيدى يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ياڭ يۇڭپىڭ 2016-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ھازىر بىكار قالغان مەكتەپ بىناسىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىنغان كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيدە تۇرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، جياڭشى رۈيجىندا ياشاۋاتقان 700 مىڭ ئامما بۇ قىزىل زېمىنغا شان-شەرەپ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى، ئۇلار تەسۋىرلىگەن «ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر پۇل تاپالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئولتۇراقلىشالايدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت بەخت پىلانىنىڭ قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ كەلدى.

  2018-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن 3-تەرەپ باھالاش ئارقىلىق، رۈيجىن شەھىرى ئالدى بىلەن جەنۇبىي جياڭشىدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، «جۇمھۇرىيەت بۆشۈكى» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ھالقىلىق قەدەم تاشلىدى. رۈيجىن خەلقى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ