2019-يىللىق جۇڭگو يىۋۇ ئىمپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

2019.05.24 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، سودىگەرلەر 2019-يىللىق جۇڭگو يىۋۇ ئىمپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىدە مەۋھۇم رېئاللىق ئەسلىھەلىرىنى سىناپ باقماقتا.

  شۇ كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو يىۋۇ ئىمپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى جېجياڭ يىۋۇدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «دۇنيادىن سېتىۋېلىش، دۇنياغا سېتىش، دۇنيادىكى ئۇششاق تاۋارلار پايتەختى بەرپا قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، 2012 خەلقئارا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىندى، كۆرگەزمە كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، 85 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ