يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە تەجرىبە ئەۋرىشكە پويىزى پۈتتى

سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرغا يېتىدۇ

2019.05.24 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە سىناق پويىزى بۈگۈن چىڭداۋدا پۈتتى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە تېخنىكا ساھەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىستېرېئولۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچى تىرانسپورت قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە زور تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەجرىبە ئەۋرىشكە پويىزى يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە تۈرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىتىشنىڭ «ئەمەلىي پويىز دەرىجىسى»دىكى سىناق قىلىپ دەلىللەش سۇپىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىتىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە يادرولۇق سىستېما زاپچاسلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى ۋە ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ئەندىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىتىش سۈرئىتى يۇقىرى، شاۋقۇنى تۆۋەن، تەۋرىنىشى بوش، يولۇچى توشۇش مىقدارى كۆپ، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، چىداملىق، دەل ۋاقتىدا بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئوتتۇرىسىدىكى سۈرئەت بوشلۇقىنى تولدۇرالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ