مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

2019.05.24 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى دۆلەت بوشلۇقى تەرەققىياتىنىڭ قىبلىنامىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ بوشلۇق پىلانى بولۇپ، تۈرلۈك ئېچىش، قوغداش، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇلى. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىشتا ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىق بوشلۇق يىرىك پىلانىنى بىرلىككە كەلگەن زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، «كۆپ پىلاننى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس يىرىك پىلانلارغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە چەكلەش رولىنى كۈچەيتىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك بوشلۇق يىرىك پىلانلىرى شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولۇش، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۈنۈملۈك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى، لېكىن يىرىك پىلاننىڭ تۈرى بەك كۆپ، مەزمۇنى قاتمۇقات توقۇنۇشقان بولۇش، تەستىقلاش تەرتىپى مۇرەككەپ، دەۋرىيلىكى بەك ئۇزۇن بولۇش، يەرلىك يىرىك پىلاننى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق ئېنىق، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، نوپۇسنىڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى، تۇرمۇش بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش −

  يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى؛ خەلقنى مەركەز قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى؛ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ