جۇڭگولۇق ئارتىس جاڭ زىيى 32- نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى

2019.05.23 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ماي، فرانسىيەنىڭ كاننېس شەھىرىدە توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگولۇق ئارتىس جاڭ زىيى شۇ يىغىنغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گانا شەھىرىدە جۇڭگو ئارتىسى جاڭ زىيىنىڭ 32- نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 32- نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى بۇ يىل 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ