مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو-ئامېرىكا سودا كېلىشىمى چوقۇم قوش يۆنىلىشلىك تەڭپۇڭ بولۇشى، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك، دېدى

2019.05.22 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 21-ماي: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى چوقۇم قوش يۆنىلىشلىك تەڭپۇڭ بولۇشى، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك، دېدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئامېرىكا-جۇڭگو كېڭىشىشىدىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ جۇڭگو تەرەپكە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ باراۋەر بولۇشى (50-50) مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى سودا ئۇسۇلى سەۋەبىدىن، كېلىشىمنىڭ چوقۇم ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دېگەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، لۇ كاڭ شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «باراۋەر بولۇش- بولماسلىقى» بىلەن «كىمگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇش» سودا مۇناسىۋىتىدە بىر گەپ ئەمەس، ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سودا ئەمەلىيىتىدە مۇتلەق باراۋەر ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئۆزى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكتىن بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش جەريانى»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سودىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش − بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن بازارلاردا ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە مەنپەئەت تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي ھالدا ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدە «زىيان تارتتى» دېگەن قاراش ئىلمىي ئەمەس، كەسپىي ئەمەس. «سودا كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشتە بارلىق ساھەلەردە مۇتلەق باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن چوقۇم قوش يۆنىلىشلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ