مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ

2019.05.22 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىلەن گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىكتە خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرىدە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت خىل نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ خەتەرلىك ئۆي ساقلانما مىقدارى 2020-يىلىدىن ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەممىسىدە ئىش باشلاش، 2020-يىلى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار بۇ يىل، كېلەر يىلى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى ئۆيمۇ ئۆي تۈزۈپ، بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتكەندە، بىر ئائىلىنى ئارخىپتىن ئۆچۈرۈش لازىم؛ نامرات ئاھالىنى خەتەرلىك ئۆيدە تۇرغۇزماسلىقتەك تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى نورمال ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك لازىم؛ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بېكىتىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى جانلىق قوللىنىپ ھەل قىلىش لازىم؛ ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا كۈچلىرىنى تەشكىللەپ ياردەم بېرىش لازىم؛ خەتەرلىك ئۆيلەرنى باھالاش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۆيلەرنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ