مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2019.05.22 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاپتوموبىل توختاتماي قولايلىق ھەق ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «يىراق- يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىلمىي لايىھەلەش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەر-مۇقىم بولۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، تېخنىكا لۇشيەنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «لايىھە»دە تۆت تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ