گۇاڭشىنىڭ بەيسېدىكى بىر قاۋاقخانا ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

85 ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلدى

2019.05.21 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان ھادىسىدە قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ماي گۇاڭشىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، سائەت سەككىزگىچە، بەيسې شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قاۋاقخانىنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 85 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ھازىرغىچە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، يەتتە ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 62 ئادەم يېنىك يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا كۆزىتىلمەكتە، يېنىك يارىلانغان 13 كىشى داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان.

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت بىرلەردە، بەيسې شەھىرى يۇجياڭ رايونى دۇڭجۇ چوڭ يولىنىڭ يېنىدىكى 0776 ناملىق بىر قاۋاقخانىدا پولات جازا قۇرۇلمىلىق ئۆگزە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ