خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 23تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق C توشۇغۇچى راكېتا بىلەن، بىر راكېتا بىر سۈنئىي ھەمراھ ۋاسىتىلىك ئوربىتىغا كىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 45-يەتىكەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى. ۋەتەندىن 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە، يىراققا نەزەر 7-نومۇرلۇق كېمە يەككە كېمە دەل جايىدا ئۆلچەپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، سۈنئىي ھەمراھ دېڭىزدا ئۆلچەش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدىكى بىردىنبىر دېڭىز ئۆلچەش-تىزگىنلەش نۇقتىسى بولغان يىراققا نەزەر 7-نومۇرلۇق كېمە نىشاننى ۋاقتىدا بايقاپ، تېز، توغرا تۇتۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلچەش-كونترول قىلىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ، بىرىنچى بولۇپ شىئەن سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچەش-كونترول قىلىش مەركىزى، شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە ئەمەلىي ۋاقىتلىق ئۆلچەش-كونترول قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى يوللىدى.
سۈرەتتە: كېمە خادىملىرى پالۇبىغا «70» دېگەن خەتنى تىزىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.
خەن شۇەي فوتوسى ۋە خەۋىرى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ