مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاشتا ئاساسىمىز، ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار

2019.05.20 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ 19- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا بىزنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسىمىز، ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

  پەن گۇڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇقىم پۇل سىياسىتىنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش كۈچەيتىلىپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، جانلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېقىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەتنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە شارائىتىنىڭ بوش-چىڭلىقى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرى، كەڭ مەنىدىكى پۇلنىڭ M2 كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئېلىمىزدە ئىقتىسادىي پۇل مۇئامىلە پۇختا ئايلىنىپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى ۋە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۈچلۈك ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولدى، چېگرا سىرتىدىكى كاپىتالنىڭ ئېقىپ كىرىشى كۆپەيدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۇقىم ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ