مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

چاڭشا شەھىرى يېڭى شامال ئېغىزىدا تۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتماقتا

(سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر – يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەكشۈرۈش سەپىرى)

2019.05.20 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېشىل ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلاپ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ – ليۇياڭخې دەرياسىدىكى «سەككىزىنچى ئەگمە»نىڭ ئۆزگىرىشلىرى كىشى قەلبىنىڭ تارىنى چېكىدۇ.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى، بۇ يەر خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كەنت ئىدى، «ئۆمۈچۈك تورى» بىلەن قاپلانغان، قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتلەر توپلاشقان جاي بولۇپ، «شەھەر تاتۇقى» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، 2000دىن ئارتۇق سىن مەدەنىيەت كارخانىسى بۇ يەردە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، بۇ يەر تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت مەدەنىيەت ۋە پەن- تېخنىكا يۇغۇرما ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلىنىپ، 2018-يىلى ئىشلەپچىرىش قىممىتى 40 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  ليۇياڭخې دەرياسىنىڭ سەككىزىنچى ئەگىمىسى بۇ يەردىن ئەگىپ ئۆتىدۇ. ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن ئورالغان، قاتناش قولايلىق بولغان بۇ قىممەتلىك يەر چاڭشا شەھىرى تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەمدىكى قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتلەرنى چېقىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكىدەك ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالمىدى، ئەكسىچە خۇنەن مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى.

  ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەينىدە، چاڭشا شەھىرىنىڭ قەتئىي بوشاشماي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلىنىش ئىرادىسى بار. چاڭشا شەھەرلىك پارتكومدىكى مەسئۇل يولداش: «چاڭشانىڭ تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختا، چوڭقۇر ئاغدۇرپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەرىكەت كۆرسەتكۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك»، دېدى.

  2018-يىلى، چاڭشا شەھىرىنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، %8.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپ سېلىنمىسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.6 كە يەتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پايدىسى %11.9 ئاشتى. چېگرا بويىدا ياكى دېڭىز بويىدا بولمىغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى بۇ ئۆلكە مەركىزى نېمىشقا بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟

  كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «دومىلىما قار» ئېففېكتى تېز شەكىللەندى

  شياڭجياڭ مەركىزى، جۈزىجوۋ مەنزىرە رايونى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تازىلاش- تىرىش تازىلىق ماشىنا ئادىمى نامايان قىلىنىشى بىلەنلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بۇ ماشىنا ئادەملەر ئالدىغا جانلىق يۆتكىلەلەيدۇ، قۇرۇق بوتۇلكا قاتارلىق ئەخلەتلەرنى ئۇچراتقاندا مېخانىكىلىق بىلەكنى چىقىرىپ، بېلىنى ئېگىپ تىرىۋېلىپ، بەدىنىدىكى يۇمىلاق چېلەككە تاشلايدۇ، ھەرىكىتى پىششىق ھەم راۋان بولۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرالايدۇ.

  «ماشىنا ئادەم يان تېلېفون بۇلۇت سۇپىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، بىر ماشىنا ئادەم تۆت مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىنىڭ ئىشىنى قىلالايدۇ. ھازىر خادىملارنىڭ نەق مەيداندا كونترول قىلىش ۋە ئاسرىشىغا ئېھتىياجلىق، G5 دەۋرىدە تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىدۇ». جۇڭليەن مۇھىت شىركىتىدىن دوكتور زېڭ گۇاڭ كەلگۈسىدىكى شەھەر تۇرمۇشى مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ: تۈن نىسپى بولۇپ، كىشىلەر تىنچلانغاندا، مۇھىت تازىلىقى ماشىنا ئادىمى خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ، كىشلەر ئويغانغاندا پاكىز شەھەرنى كۆرىدۇ، دېدى.

  نۆۋەتتە، جۇڭليەن مۇھىت شىركىتى مەملىكەت بويىچە 40 نەچچە رايون، ناھىيە بىلەن PPP ئەندىزىسىدە مۇھىت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كەسىپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

  ئەنئەنىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىق سودىگىرىدىن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سودىگىرىگە ئايلىنىش، يەككە ھالەتتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ساھەسىدىدىن ساھە ھالقىپ مۇھىتنى تۈزەشكىچە، بۈگۈن چاڭشا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى يۇغۇردى، تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كارخانىلىرى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى شامال ئېغىزىدا تۇرماقتا. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ