مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش توغرىسىدىكى «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ

2019.05.20 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش توغرىسىدىكى«مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاممىۋى ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەملەپ، «تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ،«ئىككىنى قوغداش»نى ياخشى قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردا شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول ئاممىۋى ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇراسىم تۇيغۇسى، قاتنىشىش تۇيغۇسى ۋە زامانىۋىلىق تۇيغۇسىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىلەر، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق تەشۋىق قىلىپ ۋە نامايان قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە ۋە ئىجادىي تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن چوڭقۇر قاتلاملىق ۋە تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ ۋە نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، تۆھپە قوشۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەش روھىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ