مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان كارخانىلار سۆھبەت قىلىشقا چاقىرىلدى

2019.05.20 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان پاراكەندىچىلىك ۋەقەلىرىنى، يەنى «95» نومۇرلۇق تېلېفونلار ئارقىلىق، ياكى كۆچمە يۆتكەپ سېتىش كەسىپلىرىدىكى «170» ۋە « 171» نومۇر بۆلىكى بىلەن باشلانغان نومۇرلار ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان تېلېفونلارنى كىشىلەرگە ئۇرۇپ، خەلقنى ئېغىر دەرىجىدە ئاۋارە قىلىدىغان ۋەقەلەرنى ئاممىنىڭ پاش قىلىشى ۋە ئەرز قىلىشى دېگەندەك گەۋدىلىك مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەنجىڭدىكى خاۋجىساڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق چاقىرىش مەركىزى كارخانىلىرىدىن 20سى ۋە يۈەنتې (بېيجىڭ) خەۋەرلىشىش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كۆچمە يۆتكەپ سېتىش كارخانىلىرىدىن 10ىنى مەركەزلىك ھالدا چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى .

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالدى بىلەن، سۆھبەتكە چاقىرىپ كېلىنگەن كارخانىلار چوقۇم ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى مەسىلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن سىرت، مەسىلە سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە ئىستىلنى ئەڭ پۇختا تەكشۈرۈش، يەنى ئۆزگەرتىشتە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداش، ھەمدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭدىن باشقا، مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ھەمدە ئۇنداق مەسىلىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك قىلىش ھادىسىلىرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلار مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. يىغىندا، سۆھبەت قىلىشقا چاقىرىلغان ھەرقايسى كارخانىلار «تۈزىتىش ۋەدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇشتى، ھەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۈزىتىش تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىغا داغدۇغىلىق ھالدا ۋەدە بېرىشتى. مەسىلىەرنى ئۆزگەرتىپ تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئاچماسلىق ياكى يېڭى نومۇرلارنى ئىلتىماس قىلماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ