مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تيەنجىن شەھىرى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى «ئېسىپ قويۇش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2019.05.17 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 15-ماي تيەنجىن شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئايدىن بۇيان، تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كومىتېتى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئىنكاس قىلغان رويخەتكە ئالدۇرغان كەسپىي سالاھىيەت خادىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان نورمالسىزلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ «كىنىشكىنى ئېسىپ قويۇش» مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ھازىرغا قەدەر «كىنىشكىنى ئېسىپ قويۇش»قا چېتىلىدۇ، دەپ گۇمان قىلىنغان 86 كارخانا، 227 خادىمغا بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئېلان قىلىپ، «كىنىشكىنى ئېسىپ قويۇش» مەۋجۇد بولغان تيەنجىن شەھىرى لىخې تاشيول قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن ۋە ما جېنكۇن قاتارلىق 13 خادىمنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  تيەنجىن شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، ئەرز بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ما جېنكۇن قاتارلىق 13 خادىمنىڭ «كىنىشكىنى ئېسىپ قويۇش» ھەرىكىتى بارلىقى بېكىتىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان كۈندىن باشلاپ، تيەنجىن شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كومىتېتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان خادىملارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ناچار قىلمىش ئۇچۇرى خاتىرىلىنىدىغانلىقى ھەمدە قۇرۇلۇش بازىرىنىڭ «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۇقارقى «كىنىشكىنى ئاسقۇچى» خادىملارنى ئىشلەتكەن تيەنجىن شەھەرلىك لىخې تاشيول قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن تەنقىد قىلىنىپ، ناچار قىلمىش ئۇچۇرى خاتىرىلىنىدىغانلىقى ھەمدە قۇرۇلۇش بازىرى «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ