مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق نومۇر جۇغلاپ نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

2019.05.17 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2019-يىللىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نومۇر جۇغلاپ نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى توردا ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى تاقىلىدۇ، ئىلتىماس قىلىپ يوللاش مۇددىتى 60 كۈن. مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ يىللىق نوپۇسقا ئېلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدىكەن، ئېلان قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نوپۇسقا ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىنكاس قىلغان تاپشۇرۇش ھالقىسى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تارماقلار تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلتىماس قىلىپ يوللاش ئەمەلىيىتى ۋە ئاممىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىلقى مەشغۇلات تەرتىپىنى بىر قاتار ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ يىل «تەرتىپنى ياخشىلاش، توردا تولۇق بېجىرىش، سەمىمىي بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى نومۇر جۇغلاپ نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىدە، جەمئىي 6019 خادىمنىڭ نوپۇسقا ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى. ھازىرغا قەدەر 5625 خادىم ۋە شۇلار بىلەن بىر قاتاردا نوپۇسقا ئېلىنىدىغان پەرزەنتلىرىدىن 4405 كىشى بولۇپ جەمئىي 10 مىڭ 30 كىشىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى تاماملانغان. شەھەرنىڭ سىغدۇرۇش كۈچى ۋە سىياسەت باغلىنىشلىق تەسىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئامىللار ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇلۇپ، بۇ يىلقى ئىلتىماس قىلىپ يوللاش خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سىياسەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نومۇر جۇغلاپ نوپۇسقا ئېلىش كۆلىمى 6000 ئادەم بولغان ھەمدە نومۇرى ئوخشاش بولسا ئوخشاش نوپۇسقا چۈشۈرۈش يولغا قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ