شاڭخەيدە ئۆزگەرتىلىۋاتقان بىر قۇرۇلۇش گەۋدىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەم قازا قىلدى

2019.05.17 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان ۋەقە نەقمەيدانى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 16-ماي ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 16-ماي چۈشتە شاڭخەيدە بىر قېتىملىق زاۋۇت بىناسىنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار 22 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

  دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشچە، 16-كۈنى سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي چاڭنىڭ رايونى جاۋخۇا يولى 148-نومۇرلۇق جايدىكى ئۆزگەرتىلىۋاتقان بىر قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، شۇ چاغدا 20 دىن ئارتۇق ئىشچى بۇ زاۋۇت بىناسى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، 18 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەنگەن قەدەر، نەق مەيداندا قاپسىلىپ قالغان 22 ئىشچى قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

  نۆۋەتتە، جاۋخۇا يولىدىكى زاۋۇت ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قۇتقۇزۇش داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ