مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەقەملىك يېزا-كەنتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.05.17 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەقەملىك يېزا-كەنتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «رەقەملىك يېزا-كەنتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  رەقەملىك يېزا-كەنتلەر __ تورلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە رەقەملەشتۈرۈشنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قوللىنىلىشى شۇنىڭدەك دېھقانلارنىڭ زامانىۋى ئۇچۇر ماھارىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسى بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى، شۇنداقلا رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» ۋە «دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پىروگرامما تۈزۈپ چىقىلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ