مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شېڭ رۇڭخۇا مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى

2019.05.17 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور بېكىتىنىڭ «ئىشخانا» سەھىپىسى يېڭىلاندى، شېڭ رۇڭخۇا مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى.

  ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .

  شېڭ رۇڭخۇا، ئەر، 1962- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، خۇنەن خېڭياڭدىن، 1984- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1982- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇن دوكتورى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ