مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بەش تارماق پىكىر تۈزۈپ چىقىپ، دوختۇرلارنىڭ ئامبۇلاتورىيە ئېچىشىغا ئىلھام بەردى

2019.05.17 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق «شىپاخانا تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تۈزۈپ چىقتى. 2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە، دۆلىتىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنياڭ، نەنجىڭ، خاڭجۇ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇ ۋە شىئەن قاتارلىق 10 شەھەردە شىپاخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن شىپاخانا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئېيتتى.

  «پىكىر»دە ئىجازەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش پىلانىدا شىپاخانىغا چەك قويۇلمايدۇ. ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىشتا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، شىپاخانا ئاچماقچى بولغاندا، شۇ جايدىكى ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسى» تارقىتىلغاندىن كېيىن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. مەمۇرىي رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىدىغان زەنجىرسىمان، گۇرۇھلاشقان شىپاخانىلار بىر دەرىجە يۇقىرى سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىدىغان شىپاخانىلار شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئايرىم-ئايرىم ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا «پىكىر»دە يەنە دوختۇرلارنىڭ شىپاخانا ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش، شىپاخانىنى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈش، شىپاخانىنىڭ كۆلەملەشكەن، گۇرۇھلاشقان تەرەققىياتىنى قوللاش، شىپاخانىنى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىش، شىپاخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ