مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى

2019.05.17 14:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن قازاقىستانغا بېرىپ، 12-نۆۋەتلىك ئاستانا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش-بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.

  ئوخشاشلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولغان جۇڭگو بىلەن قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان «ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش»تەك «شاڭخەي روھى»غا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تەرەققىي قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىدى، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  زور خەلقئارا مەسىلىلەردە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ھەمكارلىشىش-ئىشىنىش يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككىلا تەرەپ بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېف مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدىغان كۈچلۈك سۇپىسى، قازاقىستان ئۇنى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى دەپ قارايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ھەمدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى نەچچە ئون ھەسسە ئاشتى، بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا سوممىسى 19 مىليارد 880 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.4ئاشتى. جۇڭگو قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان ۋە ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىزچىل جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران قاتارلىق بايلىقلارنى ھەمكارلىشىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ۋە ئېچىپ، جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بىرلىكتە ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيەدىن باشقا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئىككى تەرەپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  2008-يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق ماتور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنى دەل ۋاختىدا ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەشەببۇس قازاقىستان يولغا قويۇۋاتقان «نۇرلۇق يول»يېڭى ئىقتىساد پىلانى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشتى، بۇ جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، 55 تۈر ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، توختام ئومۇمىي سوممىسى 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدىكى نۇرغۇن تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ بولدى، باشقا تۈرلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ ياكى قويۇلىدۇ، بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ بايلىق ئېكسپورتى ۋە چەتئەل تاۋارلىرىغا بولغان بېقىنىشچانلىقىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان يىل بويى ئۆزئارا ئېچىۋېتىلگەن بەش جۈپ پورت، نېفىت، تەبىئىي گاز چېگرا ھالقىغان بەش تىرانسپورت تۇرۇبا يولى، چېگرا ھالقىغان ئىككى تۆمۈريول غول لىنىيەسى ۋە بىر خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى ئاچتى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو-قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ پورتى ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قازاقىستاننى تۇنجى قېتىم تىنچ ئوكيانغا بىۋاسىتە بارىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشتۈردى.«غەربىي ياۋروپا-جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى»تاشيولىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ۋە قازاقىستاندىن ئۆتىدىغان بىر قاتار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قاتنىشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستان تەدرىجىي ھالدا ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق قەدىمى تېزلەشتى، جۇڭگو ئاستانە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زور كۈچ بىلەن قوللىدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، قازاقىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ بازارغا كىردى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ