مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بىر قاتار ئېشىشلار ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ داۋاملىق سەرخىللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

2019.05.17 13:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 4-ئايلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 4-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %5.4 ئاشقان. ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %7.2 ئاشقان، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ %0.45 ئاشقان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 4-ئايدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشىشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولغان، مۇقىم راۋاجانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىشى سەل تېز بولغان، توردا پارچە سېتىش تېز ئاشقان، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ سەل تېز ئاشقان، بۇ بىر قاتار ئېشىشىلار ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ داۋاملىق سەرخىللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىساد قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللاشتى، ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىق تېز ئاشتى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېشىشى ياخشى بولدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ تېز ئاشتى، سودا قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، بازار ئىشەنچى داۋاملىق ئاشتى.

  ليۇ ئەيخۇا قىسمەن كۆرسەتكۈچلەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك داۋالغۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ئىككى سەۋەب بار، بىرى بايراملىق يۆتكىلىش ئامىلى، يەنە بىرى قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش ئامىلى. قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلدى، نۇرغۇن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش رېتىمىنى پائال تەڭشىدى، بۇ ئاي بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەشكە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. 4-ئايدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش، ئېھتىياج، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆزلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇقىم بولغان، مۇقىم راۋاجلانغان. ئومۇمىي جەھەتتىن، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىلاستىكىلىقى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان ھالەتنى كۆرسەتتى، تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ