مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئۆي مۈلۈك كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %11.9 ئاشتى

2019.05.17 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالدىنقى تۆت ئايدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىش ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سېلىنغان مەبلەغ ئۈچ تىرىليون 421 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.1 پوئېنت ئۆرلىگەن.

  جۇڭيۈەن ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: قىسمەن شەھەرلەردىكى ئۆي مۈلۈك بازىرىدىكى سودىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي مۈلۈك بازىرى سەل جانلاندى، سېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 2014-يىلىدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولدى، لېكىن يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە يېتىشى يەنىلا تەس. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 1-پەسىلدىكى جانلىنىشنىڭ تەسىرىدە، ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش كۆزلىمىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولدى، گەرچە نۇرغۇن شەھەرلەر يەنىلا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى يەنىلا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ