مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ: «ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى

2019.05.17 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن باش مەقسەتلىك نۇتقىدا ئاسىيا ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، «مەدەنىيەت نەگە بارىدۇ »دېگەن دەۋر سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆزى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكۈزۈش، ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ-ئاسىيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەدەنىيەتلەردە رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەرگە ئوخشاش پەرق بولىدۇ، ئەمما يۇقىرى-تۆۋەن، ياخشى-ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ». مەيلى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن، مەدەنىيەتلەرنىڭ سۆزلىشىشى، چۈشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىشلا ئاسىيا ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ توغرا يولى.

  «مەدەنىيەت كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالماشتۇرۇش بولغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ». كەلگۈسىدىكى جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ