مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتايلى

2019.05.17 13:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  تۈنۈگۈن كەچتە، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشى يىغىنىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھىرى ھەمكارلاشقان «ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى»دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى «چاڭگى»دا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى. «ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى»نىڭ مول مەزمۇن سۈپىتى، ئۇستىلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىلغان سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق بارلىق تاماشىبىنلارغا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدار سېھرىي كۈچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ئاساسى، شۇنداقلا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقى ئورتاق نامايان قىلىندى. بۇ مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيۇشتۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى.

  تۈنۈگۈن كەچتىكى «چاڭگى»غا ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر توپلىنىپ، ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى نامايان بولدى، ئاسىيا مەدەنىيەت گۈللىرى سەھنىدە چاقنىدى . كارنىۋال تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىش، مۇكەممەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشتەك جۇڭخۇا گۈزەل ئەخلاقى ۋە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىگىلىنىشىچە، «ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى»دا ئىشلىتىلگەن سەھنە كىيىمى ئىجارىگە ئېلىنغان، نۇرغۇن سەھنە جابدۇقلىرىنى تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

  ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاماشىبىنلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى»دا قالتىس ئىجادىيەت ۋە ھاياتىي كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنياغا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىندى. بەزى تاماشىبىنلار: بۇ كاتتا مەرىكە دۇنيانىڭ ئاسىياغا بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمىدى شۇنداقلا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ بەردى دېدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ