مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كېنىيە ئالىمى: «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى

2019.05.17 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  كېنىيە نايروبى داشۆسىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ئالىمى ئىكيالا يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئافرىقا نۆۋەتتە سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

  ئىكيالا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقا دۆلەتلىرىگە نۇرغۇن ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. كېنىيەنى مىسالغا ئالساق، كېنىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى بولغان مومباسا-نايرۇبى تۆمۈر يولى كېنىيە خەلقىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا غايەت زور قولايلىق يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، يەنە تۆمۈر يول بويىدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

  ئىكيالا مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرنى رەت قىلدى، بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچ، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ