مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

2019.05.17 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كوممىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جاۋ كېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەر خىل دۆلەت ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى، خادىملار ۋە ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ