مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي بانكا ھۆججەت تارقىتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق پۇل مۇئامىلىدە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2019.05.16 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق بانكىسى تور بېكىتىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا، دىققەتنى ئالاھىدە توپقا، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، مەھسۇلات مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى پۇل مۇئامىلىدە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خەلق بانكىسى يېقىندا «2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇل سىياسىتىنىڭ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش قايتا قەرز پۇل باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسپىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش بىلەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ كرېدىت بايلىقىنى تەقسىملەش، تور نۇقتىسى ۋە مۇلازىمەت تېرمىنالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بويىچە قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك؛ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، رايون ھالقىغان ھەمتۈرتكە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ قاتلاملىق نىشانلىق ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ