بۇ يەر − جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ «تېخنىكا ئېگىزلىكى»

− ئۇزۇن سەپەر راكېتاسىنىڭ ھالقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى گېن مەخپىي نومۇرىنى ئېچىش

2019.05.16 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئۇزۇن سەپەر 7-ناملىق يىراق 2-راكېتا ئەرش كېمىسى 1-ناملىق يۈك توشۇش ئۇچار كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى (2017- يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، «شەرقىي ئېگىزلىك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر رايون بار. بۇ يەر قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدۇ، بىراق بۇ يەر دۆلىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ توشۇغۇچى راكېتا تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامى «ئالەم قاتنىشى» دەپ ئاتالغان.

  بۇ يەردىن چيەن شۆسېن، رېن شىنمىن قاتارلىق «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قۇرۇلۇشىدا تۆھپە كۆرسەتكەن بىر نەچچە ئالىملار چىققان. ئۇلار تەتقىقات ئىشخانىسىدىن تەجرىبە بازىسىغىچە، قۇملۇقتىكى قۇم-بوراندىن بىپايان دېڭىز دولقۇنىغىچە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، قەتئىي ئىرادىسىدىن يانمىغان.

  بۇ يەر دەل جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى. ئۇلار بەرپا قىلغان ئۇزۇن سەپەر راكېتالىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بىر راكېتا، بىر سۈنئىي ھەمراھتىن بىر راكېتا، كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىن ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىشكىچە بولغان زور ھالقىشنى باشتىن كەچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ